- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «لىفىتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
2018.02.11 15:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «لىفىتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، لىفىتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغىچە، قانۇن-بەلگىلىمە، ئۆلچىمى مۇكەممەل، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، خىزمەت تەدبىرى ئۈنۈملۈك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان لىفىتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ، لىفىتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى سىجىل، مۇقىم ياخشىلاپ، لىفىت ھادىسىسى يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە ئادەم ئۆلۈش سانى قاتارلىق ئۆلچەملەرنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر