خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 9-فېۋرال جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى بىر ئەۋلاد «قىرغۇچى __ 20» بەلگىلىك كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ھاۋا ئارمىيەسى جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ قورال-جابدۇق تەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاشقا قاراپ مۇھىم قەدەم باسقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«قىرغۇچى __ 20» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان 2016-يىلى 11-ئايدا جۇڭگونىڭ جۇخەي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئۇچۇپ كۆرسىتىلگەن؛ 2017-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتىغا قاتنىشىپ، كىشىلەر ئالدىدا تۇنجى قېتىم جەڭگىۋار ھالەتتە نامايان بولدى، بۇ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇداپىئەلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش نىشانىغا قاراپ يېڭى قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«قىرغۇچى __ 20» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئەمەلىي جەڭ، مەشىقنى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇش ئىختىساسلىقلىرىنى پۇختا تەربىيەلەپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «قىزىل شەمشەر __ 2017» سىستېمىسى تىركىشىش مانېۋىرىدا مۇھىم رول ئويناپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېڭىچە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مۇھىم ئاساس سالىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى