خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-فېۋرال كەچتە، چاۋشيەن سامجىيون ئوركېستىر ئۆمىكىدىن تەشكىللەنگەن چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرى كورېيە گاڭنيۇڭ سەنئەت مەركىزىدە نومۇر ئورۇنلىماقتا. كورىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكى 8-فېۋرال كەچتە كورېيە گاڭنيۇڭ سەنئەت مەركىزىدە تۇنجى مەيدان سەنئەت ئويۇنى قويدى.
كورېيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئويۇن مەيدانى ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولغان.
كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كېلىشىمى بويىچە، چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكى گاڭنيۇڭدىن باشقا يەنە 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سېئۇلدا ئويۇن قويىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى