خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى بەيياڭخې يېزىسىنىڭ ئاھالىسى يېسەين باخاس (ئوڭدا)نىڭ ئۆيىدە، يېزىلىق شىپاخانىنىڭ سېستىراسى ئۇنىڭدىن قان ئالماقتا (2-ئاينىڭ 2- كۈنى تارتىلغان). يېسەين باخاسنىڭ پۇتى ئاغرىغانلىقتىن، سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئىدى، شۇ جايدىكى تېببىي خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى.
2016-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە تەخمىنەن 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 36 مىليون 340 مىڭ ئاممىغا ساغلاملىق ھەم نەپ ئېلىپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى