باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 36-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا 111گە قارشى 95 نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

2018.02.08 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-فېۋرال كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 36-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. ۋۇكېسۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 111گە قارشى 95 نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

  پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ كوماندىسىدىن تۆت ئادەم 20 نومۇردىن يۇقىرى نومۇر ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خاممىلتون 23 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. جۇ يەنشى 22 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ، فاڭ شو 22 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ، ئالتە ھۇجۇم پاس، جەي شياۋچۈەن 21 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

  شىنجاڭ كوماندىسى تەرەپتە، ئادامس 31 نومۇر، تۆت پاس، بىر توپنى تالىشىپ تارتىۋېلىش، ئۈچ گاردىن قايتقان توپنى ئالدى، ئابدۇسالام 17 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ، بىر توپنى تالىشىپ تارتىۋالدى، لى گېن 14 نومۇر، بىر پاس، بىر توپنى تارتىۋېلىشتەك سانلىق كۆرسەتكۈچكە ئېرىشتى.

  ئەڭ ئاخىرقى چارەك مەيداندا، بېيجىڭ كوماندىسى توققۇز قېتىم ئۇدا نومۇر ئېلىشتەك كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، نومۇر پەرقىنى ھەتتا 34 نومۇرغا ئېلىپ باردى. ئارقىدىن شىنجاڭ كوماندىسى لى گېننىڭ باشچىلىقىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نومۇر پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇشى تۈپەيلىدىن قوغلاپ يېتەلمىدى، ئاخىرىدا، 111گە قارشى 95 نومۇر بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا يېڭىلىپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر