باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسى چاغان مەزگىلىدىكى تېز يەتكۈزۈش ئىستېمال بۇيۇملىرى مۇلازىمىتىگە قارىتا ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى

2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى كارخانىلار مۇلازىمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى

2018.02.11 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- چېسلا، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى چاغان مەزگىلىدىكى تېز يەتكۈزۈش ئىستېمال بۇيۇملىرى مۇلازىمىتىگە قارىتا ئەسكەرتمە ئېلان قىلىپ،چاغاندىن بۇرۇن تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى زور بولغاچقا، مۇلازىمەت سەۋىيەسى چوقۇم تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى، ھەتتا توختاپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، دېدى. دۆلەت پوچتا ئىدارىسى يەنە ئەسكەرتىش قىلىپ، قانداقلا بولمىسۇن، ھەرقايسى كارخانىلار 2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن ئىلگىرى تۈرلۈك تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىنى تەلەپ قىلدى.

  مەزكۇر ئەسكەرتىشتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندىن بۇيان، تەتىل مەزگىلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى كەسىپ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ تور تىجارىتى مۇلازىمەتلىرىگە قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشەش قىلغان ئىدى، ھەمدە ئۇلار تىجارەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى نازارەت قىلىش تېلېفونلىرىنى ئۆز كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورى ۋە تىجارەت سورۇنى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، يوللاش مۇلازىمىتىدىكى خىزمەت بېسىمى ئاساسلىقى پوچتاEMS، شۈنفېڭ تېز توشۇش ۋە جىڭباڭدا قاتارلىق كارخانا تورلىرىغا مەركەزلەشتى. ئۇلارنىڭ ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە تىجارەت بېسىملىرى بىر قەدەر زور بولغاچقا، مۇلازىمەت سەۋىيەسى مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغان مەزگىلىدە، پوچتاEMS، شۈنفېڭ تېز توشۇش ۋە جىڭباڭدا قاتارلىق كارخانىلار نورمال تىجارەت قىلىدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ھەرقايسى كارخانىلاردىن تور بايلىقىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، چاغاندىن بۇرۇن، «تور توختىماسلىق، قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماسلىق ۋە تۇرغۇزۇپ بېسىپ قويماسلىق»تەك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، 2- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن ئىلگىرى تۈرلۈك تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى يەنە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ كارخانا ئېلانلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە چاغان مەزگىلىدىكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر