باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ساقچى تەرەپ «نوپۇس سىياسىتى بويىچە بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى

ئۈندىداردا تۇرۇش كىنىشكىسى، كىملىكنى ئاپتوماتىك بېجىرىشكە بولىدۇ

2018.02.09 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-فېۋرال بېيجىڭ ساقچى تارمىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى ساقچى تەرەپ كىملىك ھەققىنى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش، ئاھالىلەر كىملىكىنى ئاپتوماتىك بېجىرىش، ئۈندىداردا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى (كارتىسى) بېجىرىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا يولغا قويىدىكەن ھەمدە بېيجىڭدا نوپۇسقا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، «نوپۇس سىياسىتىدىكى بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى باش ئەترىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ خوڭجى ساقچى تەرەپنىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ھالقىلىرىنى ئىخچاملاپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ خەلققە قولايلىق، پايدىلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ تەدبىرلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بېيجىڭ شەھىرى نوپۇسىدىكى 16 ياشتىن ئاشقان ئامما ئاپتوماتىك مەشغۇلات ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاھالىلەر كىملىكىنى ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، كىنىشكىنى ئېلىۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بېجىرىش رەسمىيىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئېلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇسىدىكى ئامما كىملىك بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاپ ئېلىشتا، تەننەرخ ھەققىنى نەق پۇل بىلەن چىقىم قىلىش ياكى ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشنى تاللاشقا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئالاقە تورى + ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» پىكىر يولى بويىچە، ساقچى تەرەپ 2018-يىلى ئىچىدە ئۈندىدار ئاساسىدىكى تۇرالغۇ تىزىملاش كارتىسى بېجىرىش ۋە ئىلتىماس قىلىش، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىش ۋە «كارتىنى كېنىشكىگە ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەرنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ گۇۋاھنامە بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر