خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئوتى 9-فېۋرال كەچتە كورېيە پيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىدا يېقىلدى. ئالاھىدە ۋەكىل رەئىس شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
تارىخ بىلەن كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان مۇشۇ پەيتتە، ئەسلىدە ئاددىي بولغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەيدانغا كىرىش مۇراسىمىمۇ باشقىچە ئىللىقلىققا تولدى. قائىدە بويىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۆشۈكى بولغان گىرېتسىيە تەنتەربىيە ۋەكىللىرى تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كىرگەندە، مەيداندا «قولنى قولغا تۇتۇشايلى» دېگەن مۇزىكا ساداسى ياڭراپ، كىشىلەرگە 1988-يىلىدىكى مۇسابىقىنى ئەسلەتتى. شۇ يىلى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇ كورېيەنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى بىلەن تۇنجى قېتىم باغلىنىشى بولۇپ، «قولنى قولغا تۇتۇشايلى» دېگەن مۇزىكا پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ، ھەممە جايدا ئېيتىلدى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ بىرلىكتە ئېيتقان ناخشىسى تەنھەرىكەتچىلەرگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.
كورېيە-چاۋشىيەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرگىنىدە كىشىلەر ھاياجانغا تولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى «چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بايرىقى» نى كۆتۈرۈپ مەيدانغا بىللە كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار بەس-بەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غايەت زور تىنچلىق چاقىرىق كۈچى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ باشلىنىش مۇراسىمىدا، چاۋشيەن-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەيدانغا بىللە كىرگەنلىكى ۋە چاۋشيەن-كورېيە ئاياللار مۇز توپ بىرلەشمە ئەترىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تارىخىي بۇرۇلۇشىغا ئايلانغۇسى!»
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 65-ئورۇندا مەيدانغا كىردى. ئىلگىرى ۋانكوۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى جۇ ياڭ بايراقدار بولدى. ئۇنىڭ كەينىدە، ئاق مامۇق چاپان كىيگەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا تاماشىبىنلار ۋە رەئىس سەھنىسىگە قاراپ توختىماي قول ئىشارىتى بىلەن سالام بەردى. جۇڭگو بۇ قېتىم 181 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، جۇڭگونىڭ 82 تەنھەرىكەتچىسى بەش چوڭ تۈر، 12 تارماق تۈر، 55 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى