باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ كۈچىدە كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى

2018.02.11 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنشېڭيۈەن» ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى جيەن بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خېبېي ئۆلكىسى مېڭسۈن ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ باج بېجىرىش زالىدىكى ئاپتوماتىك باج تاپشۇرۇش تېرمىنالىدا «ئەقلىي بۇلۇت باج بېجىرگۈچى»نى ئىشلىتىپ بەش مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى ئېچىپ بولدى. ئىلگىرى ئۇ بۇ كەسىپنى بېجىرىشكە ئاز دېگەندىمۇ يېرىم سائەت سەرپ قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئەقلىي بۇلۇتقا چىقىپ، ئالدىن تولدۇرۇپ قويغان ئىلتىماس قەغىزى بىلەنلا ئاپتوماتىك تېرمىنالدا ۋاكالىتەن تالون ئاچقىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن كۈچ ۋە ۋاقىت تېجەيدىكەن!

  دۇنيا بانكىسىنىڭ PWC بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «2018-يىللىق دۇنيا باج تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ 2016-يىلى باج تاپشۇرۇش ۋاقتى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا 52 سائەت قىسقىراپ، قىسقىراش نىسبىتى %20 بولغان، 2012-يىلىدىكىدىن 191 سائەت قىسقىرىغان. باج تاپشۇرۇش ۋاقتىنىڭ داۋاملىق قىسقىرىشى بىر قاتار «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن بولغان.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. توردا باج قايتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ قايتۇرۇلغان باج پۇلىنى ئېلىشقا پەقەت بىر يېرىم كۈن كەتتى، «ۋېندولى» كۈن نۇرىنى توسۇش پەن-تېخنىكا(دېجۇ) چەكلىك شىركىتى شۇ جاينىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سۈرئىتى رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى سىياسەت-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لو تيەنشۇ مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى ھازىر يەتتە تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تەستىق تۈرىدىن باشقا 80 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەتسىز ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ تۈگەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر