- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشتە، ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىشكە ھەم پىراۋا ئېلىش ئىمتىھانى بېرىشكە بولىدۇ
2018.02.12 13:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىللارغا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىشكە بولىدۇ، پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقان كۇرسانتلارمۇ نورمال ھالدا پىراۋا ئېلىش ئىمتىھانى بېرەلەيدۇ.
11-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ قولايلىق ھالدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىشى ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، كازىۋەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ۋە پۈتۈن شەھەردىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئالتە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى بېجىرىش كۆزنىكى ئېچىلىدىكەن، خىزمەت ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دىن 13:30 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دىن 17:00 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقان كەڭ كۇرسانتلارنىڭ پىراۋا ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى ۋە بىر قىسىم ئىجتىمائىي شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئىمتىھان مەيدانى كۇرسانتلارغا ئېچىۋېتىلىدىكەن.
ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىش ئورۇنلىرى:
1.ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى [چاساقولتۇق (كازىۋەن) ئىشخانا رايونى 1-نومۇرلۇق زال]
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر شەرقىي يولى 2-نومۇر
تېلېفون: 3130323-0991، 3130232-0991
2. تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئارقابۇلاق كوچىسى 148-نومۇر
3. سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى غەربىتاغ مالياۋدى كوچىسى 22-نومۇر
4. يېڭىشەھەر رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى غەربىي ئايلانما شىمالىي يولى نېفىت توشۇش شىركىتى 1-تارماق شىركىتىنىڭ قورۇسى ئىچى چاڭرۈي كوچىسى
5. ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ (شىمىگو) رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ (شىمىگو) رايونى يېكەنكۆل (نەنخۇ) شەرقىي يولى شىمالىي 7-كوچا 128-نومۇر
6. توغانباغ (تۇدۈنخې) رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى توغانباغ (تۇدۈنخې) رايونى خوڭيەن كوچىسى 1080-نومۇر
7. مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى
ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى راۋان (يوڭشۈن) كوچىسى 1-1908-نومۇر تيەنخۈي ئاپتوموبىل شەھەرچىسى
پىراۋا ئېلىش ئىمتىھانى بېرىشكە بولىدىغان ئىمتىھان مەيدانلىرى:
1. شوپۇرلۇق 2-تۈر ئىمتىھانى:
(1) 2-تۈر ئىمتىھانى 1-نومۇرلۇق ئىمتىھان مەيدانى (قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى)
(2) 2-تۈر ئىمتىھانى 2-نومۇرلۇق ئىمتىھان مەيدانى (قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى)
(3) 2-تۈر ئىمتىھانى ئىجتىمائىي ئىمتىھان مەيدانى (جياڭ باۋ شوپۇرلۇق مەكتىپى)
2. شوپۇرلۇق 3-تۈر ئىمتىھانى:
(1) 3-تۈر ئىمتىھانى ئىمتىھان مەيدانى (قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى)
(2) 3-تۈر ئىمتىھانى ئىجتىمائىي ئىمتىھان مەيدانى (جىجۈنشياڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى)
(3) 3-تۈر ئىمتىھانى ئىجتىمائىي ئىمتىھان مەيدانى (جياڭ باۋ شوپۇرلۇق مەكتىپى)
(4) 3-تۈر ئىمتىھانى ئىجتىمائىي ئىمتىھان مەيدانى (كەسپىي شوپۇرلۇق مەكتىپى)
3. شوپۇرلۇق 3-تۈر بىخەتەرلىك، مەدەنىي ساۋاتلار ئىمتىھانى:
(1) شوپۇرلۇق 3-تۈر بىخەتەرلىك، مەدەنىي ساۋاتلار ئىمتىھان مەيدانى (قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر