خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم چاغاننى بىللە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەلەر يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان سىياسىي تونۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان بولىدۇ. بىز بۇ يەردە يېڭى، كونا دوستلار بىلەن جەم بولۇپ، دوستانە سۆھبەتلىشىپ، چاغاننى بىللە كۈتۈۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2017-يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، شۇنداقلا كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە «ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈش» قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە-ئەقىل كۆرسىتىپ، 150 نەچچە پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. يولداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى