خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى.
باش باھاردىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مەلۇم جايلاردا تېمپېراتۇرا يەنىلا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستا بولسىمۇ، بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئاۋىياتسىيە لۈسى قاتتىق سوغۇققا قارىماي، يېڭى پىروگرامما بويىچە قەھرىتان سوغۇق شارائىتتا ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قىلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈسى قۇرۇلغان نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەش، قار كۆچكۈنى، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ۋە باشقا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇچۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تەڭرىتاغدىن ھالقىغان بىر «بوشلۇقتىكى ھاياتلىق كارىدورى» بەرپا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى