باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توققۇز خىل يېمەكلىك ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇشنى پەسەيتىدۇ

2018.02.06 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاشقازان كېسىلى ياكى بەزى يېمەكلىكلەر كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئاشقازان قىسمىنىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دورا يېيىش ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىشىنى كۈتۈشتىن باشقا، يېمەكلىكنى تەڭشەشمۇ بۇ بىئارامچىلىقنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

  ئامېرىكا «ساغلاملىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، جورجىيە شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر پىروفېسسورى روبىنىس جۇككان دوكتور ۋە مىچىگان ئىشتاتلىق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئامىت بارت دوكتور ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇشنى پەسەيتىدىغان توققۇز خىل يېمەكلىكنى يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، ئاشقازان- ئۈچىيى ياخشى ئەمەس كىشىلەر دائىم يەپ بەرسە بولىدىكەن.

  بىرىنچى، بانان. باناننىڭ تەركىبىدە كالتسىي مول بولۇپ، بۇ خىل مېنېرال ماددا قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇسىزلىنىشقا نىسبەتەن بەكمۇ مۇھىم. بانان تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تاماق ئانچە كۆپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەتتە كۆڭلى ئېلىشىش پەيدا قىلمايدۇ.

  ئىككىنچى، گۈرۈچ تامىقى. بەرەڭگە ۋە سۇلۇغا ئوخشاش، گۈرۈچ قاتارلىق كراخماللىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاشقازاندا بەك ئۇزۇن ۋاقىت توختاپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئېغىرلىشىپ بىئارام بولۇش تۇيغۇسى قىلمايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئالما قىيامى. ئالما قىيامى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، يەنە ئىچ سۈرۈشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ھەمدە بەلگىلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تۆتىنچى، قاقلانغان بولكا. قاقلانغان بولكا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، شۇنداقلا ئاشقازان ئىچىدە بەك ئۇزۇن ۋاقىت توختىمايدۇ، شۇڭا ئاشقازان تېخىمۇ راھەت بولىدۇ. بىراق، ئاشقازان بىئارام بولغاندا، بىئارام بولۇشنى كۈچەيتىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قاقلانغان بولكا يېگەندە ۋاقتىنچە سېرىق ماي قوشماسلىق لازىم.

  بەشىنچى، شورپا. ماي مىقدارى تۆۋەن بولغان شورپا بەك ئاسان ھەزىم بولىدۇ ھەمدە بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاشقازان- ئۈچەي بىئارام بولۇشنى پەسەيتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى تۆۋەن تۇزلۇق شورپا تاللىسا بولىدۇ.

  ئالتىنچى، نېپىز ۋە چۈرۈك پېچىنە. نېپىز ۋە چۈرۈك پىچىنە گۈرۈچ تامىقى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى يېمەكلىك بولۇپ، ئىنتايىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ ۋە سەھەردە قۇسۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشقازان قىسمى بىئارام بولۇشنى پەسەيتىدۇ. نېپىز ۋە چۈرۈك پېچىنە يەنە بىر قىسىم ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

  يەتتىنچى، مايچېچەك چېيى (甘菊茶). تەركىبىدە كوففېئىن بولمىغان (كوففېئىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ) مايچېچەك چېيى قاتارلىق دورىلىق چاينىڭمۇ ئاشقازان قىسمى بىئارام بولۇشنى يەڭگىللىتىش رولى بار. مايچېچەك چېيى ياللۇغنى پەسەيتەلەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، ئاشقازان بىئارام بولغاندا يالپۇز چايدىن يىراق تۇرغان ياخشى، چۈنكى يالپۇز قىزىلئۆڭگەچ تۆۋەنكى پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ بوشىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىرىدىغان بولۇپ، ئاسانلا پانتوتېنىك كىسلاتاسىنى پەيدا قىلىدۇ.

  سەككىزىنچى، كوكۇس شەربىتى. كوكۇس شىرنىسى تەركىبىدىدىكى تەبىئىي قەنت ماددىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە تەركىبىدە كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن C بار، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازان قىسمى بىئارام بولۇشنى يەڭگىللىتەلەيدۇ.

  توققۇزىنچى، زەنجىۋىل. زەنجىۋىل ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەم تەڭشىگۈچنىڭ بىرى بولۇپ، سۇغا چىلاپ ياكى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئاشقازاننى ئىسسىتىپ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق ئاشقازان بىئارام بولۇشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

  ئاخىردا، ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشىگەندىن كېيىنمۇ ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىدە ئۇزۇن مەزگىل ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە، كېسەلگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر