باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

81 ياشلىق موماي ئۆگىنىش ماھىرى تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتكۈزدى

2018.02.06 16:28   مەنبە: خەلق تورى

81 ياشلىق موماي ئۆگىنىش ماھىرى تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتكۈزدى

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شۆ مىنشيۇ (ئوڭدا) تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ 2018-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالماقتا.

  شۇ كۈنى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ 2018-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى بۇ مەكتەپنىڭ ۋېيجىن يولى مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، 81 ياشلىق موماي شۆ مىنشيۇ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش دەرسلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى تاماملاپ، تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالدى. شۆ مىنشيۇ 1936- يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، 2014-يىلى 3- ئايدىن باشلاپ تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش «ئېلېكتىرونلۇق سودا» تولۇق كۇرس كەسپىدە ئوقۇشقا باشلىغان. 2017-يىلى 12-ئايدا، شۆ مىنشيۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور مائارىپى بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان كومپيۇتېر دەرسلىكىدىن ئالتە قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆتۈپ، ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…