باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا قورال سېتىشتەك بىر پەۋقۇلئاددە زور دېلو ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىقىدا پاش قىلىندى

2018.02.11 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردا قورال سېتىشتەك پەۋقۇلئاددە زور بىر دېلو ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئاستىدا، ھەمدە جاڭشى، بېيجىڭ، لياۋنىڭ، جاڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدوڭ ۋە گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان تەھقىقلەشلىرى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى. نەتىجىدە، نەچچە ئۆلكىگە چېتىشلىق بولغان بۇ جىنايەت شايكىلىرىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 12سى ۋە قانۇنسىز ياساش قارا ئۇۋىلىرىدىن 13ى بىتچىت قىلىندى، ھەمدە 172 جىنايەت گۇماندارلىرى تۇتۇلدى، 366 تال يەل مىلتىق دېگەندەك قورال-ياراغ ۋە ئۇ قورال-ياراغلارنىڭ 20مىڭدىن ئارتۇق زاپچاسلىرى، ھەمدە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى ياسايدىغان نۇرغۇن خام ئەشيالار ۋە قوراللار قولغا چۈشۈرۈلدى.

  2016- يىلى 3- ئايدا، جياڭشى ئۆلكىسى ۋەننيەن ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەت داۋامىدا باشقىلارنىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق قورال-ياراغ ئېلىپ-سېتىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇر ئېلان قىلغۇچى جىنايەت گۇماندارى چېڭ فامىلىلىك كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن. دەسلەپكى تەھقىقلەش ئارقىلىق، چېڭ فامىلىلىك كىشى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت قورال- ياراغ ۋاكالىتەن سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ يۇقىرى باھادا سېتىپ، باھا پەرقىدىن پايدا ئالغان، بۇ سودىدا ئاساسلىقى ئۈندىدار قىزىل بولىقى ئارقىلىق ھېساب ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، مال ئۇنىڭ قولىدا بولمىغان. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 20 نەچچە تال ھەرخىل قورال-ياراغ، 3000 پايدىن ئارتۇق قوغۇشۇن ئوق ساتقان. مەزكۇر دېلوغا سەككىز ئۆلكە چېتىشلىق بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر