باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى قاتارلىق تەدبىرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.02.08 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قانۇن بويىچە ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بازارلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىپ ۋە تىزگىنلەپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «تېز يەتكۈزۈش ۋاقىتلىق نىزامى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەندىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەسىىنى بېجىرىشى-ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىشلارنى يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. گوۋۇيۈەن ھەر يىلى دوكلات ئاڭلايدۇ، تەكلىپ ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تارماقلار تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىي 58 مىڭ 773 تەكلىپ ۋە تەكلىپ لايىھەسىنى بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى 7471 تەكلىپ ۋە 3665 تەكلىپ لايىھەسىنى بېجىرىپ، شۇ يىللىق ئومۇمىي ساننىڭ ئايرىم-ئايرىم %89.4 ۋە %87 نى ئىگىلىدى، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەكلىپ ۋە تەكلىپ لايىھەلىرى-ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ياخشىراق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر قايسى تارماقلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەكىللەر، ئەزالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار، ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بېجىرىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، ئىشنى سۈرۈك ئىچىدە پۈتتۈرۈش، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىش؛ ئىككىنچى، ئاشكارىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاشكارىلاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تور، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بېجىرىش نەتىجىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش؛ ئۈچىنچى، جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىشلار ھەققىدە ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى پائال، مۇقىم تۆۋەنلىتىش-تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، چوڭ خەۋپ-خەتەرلەردىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇلتۇردىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش، بازارلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق پىشاڭنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى پائال ئىلگىرىلەپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتى ئۆسۈشتىن تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى، بۇ نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت كارخانىلىرىنى داۋاملىق مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پىشاڭنى تۆۋەنلىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر