باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: دۆلىتىمىز ئادەمسىز ھەيدەش تېخنىكىسى پىلانى تۈزۈۋاتىدۇ

2018.02.08 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرى لى شياۋپېڭ 7-فېۋرال چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئادەمسىز ھەيدەش تېخنىكىسى پىلانى تۈزۈپ، تېخنىكا قائىدىسى تەييارلاشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ۋە سىناق بازىسى قۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر ئالاقىدار تارماقلار بىلەن يولدا سىناق قىلىشنىڭ ئالاقىدار سىياسەت يېتەكچى ھۆججىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئادەمسىز ھەيدەش تېخنىكىسىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

  لى شياۋپېڭ مۇنداق دېدى: ئادەمسىز ھەيدەش قىزىق تېما، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت قىزىق نۇقتىسى، شۇنداقلا يېڭى تېخنىكا. ئۇ زامانىۋى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، زامانىۋى تور تېخنىكىسى، زامانىۋى ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قاتار زامانىۋى تېخنىكلار توپلاشقان يۇغۇرۇلما گەۋدە. ئېلىمىز ھازىر ئاپتوماتىك كېمە ھەيدەش، ئاپتوماتىك رېلىسلىق قاتناش جەھەتلەردە ئەمەلىي بۆسۈش ھاسىل قىلدى ۋە قوللاندى، ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر