باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا: پۇل سىياسىتىنىڭ پۇختا ۋە نېيتراللىقىنى ساقلاپ، چوڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك

2018.02.07 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-فېۋرال جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى، خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىيات سىياسىتىدىن ئىبارەت قوش تۈۋرۈكلۈك تەڭشەش-تىزگىنلەش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل سىياسىتىنىڭ پۇختا ۋە نېيتراللىقىنى ساقلاپ، چوڭ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  6- فېۋرال ئاخىرلاشقان 2018-يىللىق خەلق بانكىسى خىزمىتى يىغىنىدا، 2018-يىلى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ پۇختا ۋە نېيتراللىقىنى ساقلاش، كۆپ خىل پۇل سىياسىتى تەدبىرلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پاىدىلىنىپ، بانكا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پۇل كرېدىتى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ قوللاش ئۈچۈن، خەلق بانكىسى 2018-يىلى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى خەلق ئىگىلىكىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرققىياتى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىگە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى پۇل مۇئامىلە بويىچە دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇرالغۇ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئىجارە پۇل مۇئامىلە مەدىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر