باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى پۇتىننى زۇڭتۇڭ نامزاتىلىقىغا رەسمىي تىزىملىدى

2018.02.07 12:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى 6- چېسلا ھازىرقى زۇڭتۇڭ پۇتىننى كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نامزاتىلىقىغا رەسمىي تىزىملىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ چاغدا پۇتىن مۇستەقىل زۇڭتۇڭ نامزاتى سالاھىيىتى بىلەن بۇ يىل مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ.

  بۈگۈن، رۇسىيە ئاگېنتلىقى رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بلايېۋنىڭ دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: پۇتىن سايلام باش شىتابى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەركىزى سايلام كومىتېتىغا قوللىغۇچىلارنىڭ 31مىڭ پارچە ئىمزاسىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 232 كىشىنىڭلا ئىمزاسى ئىناۋەتسىز بولۇپ چىققان.

  پۇتىندىن باشقا يەنە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ژىرىنوفسىچ ۋە رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامزاتى گرۇجىېەن قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى زۇڭتۇڭ نامزاتىلىقىغا رەسمىي تىزىملاتقان ئىدى.

  روسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى يەنە ئارقا-ئارقىدىن يابلۇ پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ئافۇلىنسىچ قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئۈچۈن تىزىملىماقتا.

  رۇسىيە سايلام قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلىگەن: زۇڭتۇڭ نامزاتى سىياسىي پارتىيەنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشى دېگەندەك ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سايلامغا قاتناشسا بولىدۇ. سىياسىي پارتىيە ئۆز قۇرۇلتىيىدا نامزاتلارنى سايلايدۇ؛ مۇستەقىل نامزات كەم دېگەندە 500 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان تەشەببۇسكارلار گۇرۇپپىسىنى توپلاش لازىم، ھەمدە ئاز دېگەندە 300 مىڭ قوللىغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى توپلىشى كېرەك. مۇستەقىل نامزات توپلانغان ئىمزالارنى روسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىغا يەتكۈزۈپ بېرىىدۇ، شۇ كومىتېت ئىمزالارنى قوبۇل قىلىنغان 10 كۈن ئىچىدە ئىمزالارغا ئىسپات بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلايدۇ ھەمدە بۇ مۇستەقىل نامزاتنى زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ تىزىمغا ئېلىش-ئالماسلىق ھەققىدە قارار قىلىدۇ.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى بۇ يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. روسىيە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ پۈتۈن روسىيە جامائەت پىكرى تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان زۇڭتۇڭ نامزاتى قوللاش نىسبىتى تىزىملىكىمىزدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقىنى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ پۇتىن بولۇپ، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى %69.9گە يەتكەن؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقىنى گرۇجىېەن بولۇپ، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى % 7.2گە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر