باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەختتىكى ھەر مىللەت زاتلار چاغاننى كۈتىۋېلىش چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2018.02.08 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 7- چېسلا خەلق سارىيىدا پايتەختتىكى ھەر مىللەت زاتلىرىنىڭ چاغاننى كۈتىۋېلىش چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىيات باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭبا پىڭسو تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، 2017- يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ چاي سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي ۋە چى شۈچۈن قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر