باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چاغاننىڭ ئالدىدا ئازراق ئۆرلىشى مۈمكىن

2018.02.07 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چاغان مەزگىلىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. يىغىندا، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ بىڭنەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە بازارلار ئومۇمەن مۇقىم، تەرتىپلىك بولىدۇ، چاغاننىڭ ئالدىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئازراق ئۆرلىشى مۇمكىن.

  چاغانغا ئاز قالدى، چاغانلىق مال سېتىۋېلىشمۇ بېسىق مەزگىلگە قەدەم قويدى. تاۋار تەمىناتى جەھەتتە، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى كۈزىتىشىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە 36 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەرنىڭ كۈندىلىك چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئوتتۇرىچە 30 مىڭ توننىغا، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئوتتۇرىچە 160 مىڭ توننىغا يەتكەن. نۇقتىلىق پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ تاۋار زاپاس مىقتارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10-%15 گىچە ئېشىپ، ھەرقايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرى، تاللا بازارلىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاپاس مىقتارى ئادەتتىكىدىن %30-%40 ئاشقان بولۇپ، بازارلارنى يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە تەمىنلىيەلەيدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر