خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكى «مانساكۇن-92» ناملىق پاراخوتتا كورېيە گاڭۋون ۋىلايىتىنىڭ دوڭخاي شەھىرى موخوك پورتىغا يېتىپ باردى.
140 نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكى 6-فېۋرال كورېيىگە يېتىپ باردى. بۇ سەنئەت ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم 8- ۋە 11-فېۋرال گاڭنيۇڭ ۋە سىئولدا پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەبرىكلەش ئويۇنى قويىدۇ.
پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە كورېيەنىڭ كاڭۋون ۋىلايىتىدىكى پيوڭچاڭ، گاڭنيۇڭ، چوڭسون قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى