باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا خەلقى كىمنىڭ ھەقىقىي دوستى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

يالغان راست بولالمايدۇ، يالغان سەپسەتىلەر جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى زىيانغا ئۇچرىتالمايدۇ

2018.02.07 11:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 7-قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ياخشى بولغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ گۈزەل بىر كارتىنىسىغا ئايلاندى. بىراق كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغىنى شۇكى، ئىجابىي ئېنېرگىيەلىك جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ھېكايىسىگە قارىتا بەزىلەر ئۆچمەنلىك قىلدى، يەنە تېخى بۇلۇڭغا مۆكۈۋېلىپ سەپسەتە توقۇدى.

  فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» شۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. بۇ گېزىت ئىلگىرى «جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش ئىشتاب بىناسىنىڭ ئىچىدە كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، ئوغرىلىقچە تىڭشىغۇچ ئورنىتىشتەك <جاسۇسلۇق ھەرىكىتى>نى ئېلىپ بارغان» دېگەندەك سەپسەتە خەۋەر تارقىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان باش ئىشتاب بىناسى ئۈستىدە قېتىرقىنىپ يالغانچىلىق توقىدى، يەنە تېخى ئالايىتەن 30-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپا كۈنىدە بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇ، بەزى غەرب ئەللىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ كۈچەپ كۆپتۈرۈشىگە ئېرىشتى، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەك» پەيدا قىلغان بۇ سەپسەتە ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىدەك رېئاللىق ئالدىدا ئۇلار تەشۋىشلىنىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان يەرگە ئاز قالدى. بەلكى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قارا سۈركەيدىغاندەك رەزىل نىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك.

  ئافرىقا خەلقنىڭ كۆزى روشەن، ئافرىقىنىڭ ھەقىقىي دوستى ۋە تەرەققىيات شېرىكىنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شۇ ھامان ئارقا-ئارقىدىن فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىتا رەددىيە بەردى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامېي ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى بىناسىدا ھېچقانداق نازارەت قىلىنغان ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى، دېدى. ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى خەيلە مەريەم: ئافرىقا-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، جۇڭگوغا بولغان سەۋەبسىز ئەيىبلەشلەرگە ئىشەنمەيمىز، دېدى.

  يالغان راست بولالمايدۇ. بەزىبىر غەرب ئەللىرى كۈچلىرى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قارا سۈركەش ھۈنىرىنى ئىشلەتتى. ئالدىنقى يىللىرى جۇڭگونى «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك قىلدى، ئافرىقىنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن بولسا، ھازىر جۇڭگوغا «ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلىدى» دەپ بۆھتان چاپلىدى. لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى يالغان سەپسەتىلەر تەرىپىدىن بۇزۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر