خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 7-فېۋرال جۇڭنەنخەيدە گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر ۋە ئۇنىڭ خانىشى ماكسىما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن خانىشنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاغىنى ھارپىسىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. مەن 2014-يىلى گوللاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-گوللاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن تەرەققىيات نىشانى ۋە پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش نەتىجىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو-گوللاندىيە مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر يىلدا ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى