خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىر يولۇچى «يىخاڭ-184» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئۇچقۇدا ئادەملىك ئۇچۇشقا قاتناشتى.
شۇ كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئۇچقۇ «يىخاڭ -184» گۇاڭجۇدا ئاشكارا يولۇچىلىق سىناق ئۇچتى. «يىخاڭ-184» __ بىر يولۇچى، سەككىز پىرقىرىغۇچ، تۆت سىرتقا سوزۇلغان بىلەك دېگەن مەنىدە. بۇ ئۇچقۇ دۇنيادىكى تۇنجى يولۇچى توشۇيالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننى باش ئىشتابى جۇڭگو گۇاڭجۇغا جايلاشقان يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىق كۈندىلىك قاتناش-تىرانسپورت بىلەن تەمىنلەشنى ھەل قىلىش مەقسىدى بويىچە لايىھەلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى