باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالدىۋې جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2018.02.07 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مالدىۋې ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 6-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، مالدىۋې زۇڭتۇڭى يامىن 5-فېۋرال مالدىۋېنىڭ 15 كۈنلۈك جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 6-فېۋرال يېرىم كېچىدە، مالدىۋېنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى گايۇم مالدىۋې ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى تەرىپىدىن «چىرىكلەشكەن ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش سۇيقەستىدە بولغان» دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساقچى تەرەپ «چىرىكلىكككە چېتىشلىق» دېگەن نام بىلەن مالدىۋې ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى ئابدۇللا سەئىد ۋە سودىيە ئەلى خەمىدنى قولغا ئالغان.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى ئەمەلدارى زۇڭتۇڭنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىستىپا بەرگەن، ئۇلار مالدىۋې سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھۈسەين رەشىد ۋە دۆلەتلىك سەنئەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە خادىمى ۋە ماسلاشتۇرغۇچىسى ئابدۇللا مۇئاز ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي سوت مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن بۇيان، ئۈچ كۈن ئىچىدە مالدىۋې ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدە ئۈچ ئادەم ئالمىشىپ بولغان.گايۇم ھازىرقى زۇڭتۇڭ يامىننىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا قېرىندىشى بولۇپ، 1978-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە مالدىۋېنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 2013-يىلى يامىننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىشىغا كۈچەپ ياردەم بەرگەن، بىراق يامىن زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن. نۆۋەتتە، گايۇم مالدىۋې ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالدىۋې ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، يامىن ھۆكۈمىتىنىڭ مالدىۋېنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ناشىد قاتارلىق ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ توققۇز رەھبىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. يامىن ھۆكۈمىتى 3-فېۋرال كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قانۇن بويىچە ئالىي سوتنىڭ كېسىمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. 4-فېۋرال، ئالىي سوت يەنە كېسىم چىقىرىپ، زۇڭتۇڭ يامىن ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  مالدىۋې زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تور بېكىتى 6-فېۋرال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زۇڭتۇڭ يامىننىڭ 5-فېۋرالدا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئۈچ قېتىم خەت يوللاپ، 1-فېۋرالدا چىقىرىلغان كېسىمنى ئىجرا قىلىشتىكى خىرىسنى چۈشەندۈرگەن. مالدىۋې زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرى شاكۇر مۇنداق دېگەن: يامىن خېتىدە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-فېۋرالدا چىقارغان كېسىمىنى ئىجرا قىلىش دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ناۋادا بۇ كېسىمنى ئىجرا قىلسا، مالدىۋېنىڭ ئاساسىي قانۇنىمۇ چىرىكلەشكەن بولىدۇ.

  مالدىۋېنىڭ ئالىي باش تەپتىشى ئانىر ئىلگىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، پەقەت پارلامېنتلا زۇڭتۇڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالايدۇ، ھۆكۈمەت ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىغا ئەمەل قىلمايدۇ. قوراللىق قىسىمنىڭ قوماندانى ھىيام ۋە ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ناۋازمۇ ئارمىيە ۋە ساقچى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ قالايمىقانچىلىققا چۈشۈپ قېلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قارارنى ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر