باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» خىزمەت گۇرۇپپىسى كارىب رايونىدىن بىر چوڭ ئىقتىسادىي قاچقۇن جىنايەتچىنى تۇتۇپ كەلدى

2018.02.07 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ كەتكىلى تۆت يىلدىن ئاشقان، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش جىنايىتى بىلەن زور سوممىلىق توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان جىنايەت گۇماندارى چېن *نى قولغا ئالدى ۋە يالاپ قايتۇرۇپ كەلدى.

  ئىگىلىنىشچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم تېببىي دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قانۇنىي ئىگە ۋەكىلى چېن * 2012-يىلدىن 2013-يىلىغىچە شۇ جايدىكى دېھقانلارغا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىش نامى بىلەن 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش تالونىنى ساختا كېسىپ، 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، دۆلەت باج پۇلىغا 170 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيان سالغان. چېن * 2014-يىلى 5-ئايدا دېلو يۈر بېرىشتىن ئىلگىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. شەندۇڭ ئۆلكىسى بىڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 2017-يىلى 8-ئايدا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش جىنايىتى بىلەن چېن * نى تۇتۇشنى تەستىقلىغان؛ شۇ يىلى 10-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى چېن * كە قىزىل رەڭلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

  چېن * چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» ئىشخانىسى شەندۇڭ ئۆلكىسى، بىڭجۇ شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، چېن * نىڭ ئىز-دېرىكىنى ئىزلاپ تەكشۈرگەن ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىزدەش، تۇتۇش ۋە يالاپ تۇتۇپ كېلىشكە ھەمكارلىشىشنى ئىلتىماس قىلغان. چېن * شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئانتىگۇئا ۋە باربۇدادا قولغا ئېلىنغان. كارىب رايونىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ پائال ياردىمى بىلەن بېجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى چېن * نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يالاپ قايتۇرۇپ كەلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر