- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋەزىپىدىكى توشۇغۇچى راكېتا تېسلا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ مارسقا قاراپ ئۇچتى
2018.02.07 14:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك «قارچۇغا ئېغىر تىپلىق» ۋەزىپىدىكى توشۇغۇچى راكېتا 6-فېۋرال قىزىل رەڭلىك تېسلا توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلىدىن بىرنى ئېلىپ مارسقا قاراپ ئۇچتى.
شۇ جاي ۋاقتى سائەت 15 تىن 45 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 7-فېۋرال سائەت 4 تىن 45 مىنۇت) ئۆتكەندە، «قارچۇغا ئېغىر تىپلىق» ۋەزىپىدىكى توشۇغۇچى راكېتانىڭ 27 ماتورى تەڭ ئوت ئالدۇرۇلۇپ، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېننېدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىنىڭ 39A قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
«قارچۇغا ئېغىر تىپلىق» 1-دەرىجىلىككە «قارچۇغا-9» تىپلىق ئۈچ راكېتا ئۆزىكى باغلانغان. راكېتا قويۇپ بېرىلىپ سەككىز مىنۇتتىن كۆپرەك ئۆتكەندە، ئىككى ياندىكى راكېتا ئۆزىكى ئاۋۋال قويۇپ بېرىش مەيدانى ئەتراپىدىكى يىغىۋېلىش ئورنىغا چۈشتى. پىلان بويىچە، ئوتتۇرىدىكى راكېتا ئۆزىكى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئادەمسىز كېمىگە چۈشىدۇ. ماقالە ئەۋەتىلگەنگە قەدەر، ئوتتۇرىدىكى راكېتا ئۆزىكىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالى ئېلان قىلىنمىدى.
ھازىر راكېتانىڭ 2-بۆلىكى يەر شارى بىلەن مارس ئوتتۇرىسىدىكى قۇياش ئوربېتىسىنى ئايلىنىدىغان ئېللېپسقا قاراپ داۋاملىق ئۇچىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر