خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى تاڭشەن شەھىرىنىڭ سۇمۇرغ گۈل-گىياھ سودا زالىدا گۈل سېتىۋالماقتا.
چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خېبېينىڭ تاڭشەندىكى گۈل-گىياھ بازىرىدا گۈللەرنىڭ سېتىلىشى تەدرىجىي ئاشتى. گۈلسامساق، تاشئالما، لالەگۈل، كېپىنەكسىمان ئورخىدىيە قاتارلىق گۈللەر ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، چاغانلىق بازار گۈل بىلەن تەمىنلىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى