باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى

زور جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان دېلولاردا مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇلى سوتقا چىقىشى كېرەك

2018.02.08 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 7-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى>نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىزاھات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ بىشىن مۇنداق دېدى: بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھات پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ماقۇللىغان دەۋا قانۇنىنىڭ يەنە بىر ئومۇميۈزلۈك ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى بولۇپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي سوت خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 1 مىليون 81 مىڭ 390 مەمۇرىي دېلوغا قاراپ چىقىپ، دەۋاغا كىرمەيدىغان مەمۇرىي ئىجرا دېلوسىدىن 1 مىليون 187 مىڭ 517نى بېجىرىپ، ئامما، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ئىزاھات»نىڭ تولۇق تېكىستى 13 باب، 163 ماددا بولۇپ، «بىر قانچە ئىزاھات»، «تەتبىقلاش ئىزاھاتى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھېسابلىنىدىكەن. «ئىزاھات»تا مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش دائىرە چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەم «دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش»نى ھەل قىلىش، ھەم قالايمىقان ئەرز قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەۋا قىلغىلى بولمايدىغان تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىش قوشۇلغان: تاشقى قانۇنىي ئۈنۈم ھاسىل قىلمايدىغان قىلمىش، جەريان خاراكتېرلىك قىلمىش، ئىجراغا ھەمكارلىشىش قىلمىشى، ئىچكى قىسىمدىكى نازارەتچىلىك قىلمىشى، ئەرزىيەت بېجىرىش قىلمىشى.

  «ئىزاھات»تا سوتقا چىقىپ جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تۆۋەندىكى ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: زور جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان، جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ياكى ئاممىۋى ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار دېلولار ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى يازمىچە تەكلىپ يېزىپ مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنى سوتقا چىقىشقا چاقىرتقان دېلولاردا دەۋا قىلىنغان مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەسئۇلى سوتقا چىقىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر