باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 179 قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى ئېلان قىلدى

ئاممىنىڭ ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى

2018.02.08 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر يىپ ئۇچلىرىنى مەزكۇر ئىدارىگە تەمىنلەپ بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى (قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئېلان قىلدى. ھەمدە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يېقىنقى مەزگىللەردە، بىز ئىدارىمىزدە تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمىز، يەنى تۆۋەندىكى تەشكىلاتلار تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بىز ئۇ تەشكىلاتلارنى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار گۇماندارلىرى قاتارىغا كىرگۈزدۇق. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىمىز (مەزكۇر تىزىملىك سىجىل ۋە دىنامىكىلىق ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ)، ھەمدە بۇ ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتمەكچىمىز.

  قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تازىلاشتىكى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك يوللار ئارقىلىق، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر يىپ ئۇچلىرى (تەشكىلات نامى، تەشكىللىگۈچى، قاتناشقۇچى، پائالىيەت ۋاقتى، پائالىيەت ئورنى، تور بېكىتى، تېلفون نومۇرى، پوچتا ساندۇقى ۋە ئۈندىدار توپى قاتارلىقلار)نى ئىدارىمىزگە تەمىنلەپ بېرىشلىرىنى قارشى ئالىمىز:

  1. جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تورى (www.chinanpo.gov.cn)نىڭ باش بېتىدىكى «ئەرز قىلىش» مەخسۇس رايۇنىغا كىرىپ، مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى مەزكۇر تور ئارقىلىق يوللىسا بولىدۇ؛

  2. پاش قىلىش خەت ساندۇقى: jbshzz@vip.163.com

  3. فاكس: 010-58124144.

  تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئېچىپ، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈڭ:

  http://society.people.com.cn/n1/2018/0207/c1008-29811633.html

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر