باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى

2018.02.08 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى،مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئالتە تىپىك دېلو بولسا:

  1. قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابدۇراخمان رەھمىتۇللانىڭ چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى.2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، بۇ يېزىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋە چارۋا باقمىچىلىق تۈر مەبلىغى ۋە ئۇزۇنئارال كەنتىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ياردەم پۇلىدىن جەمئىي 1 مىليون 250 مىڭ يۈەننى ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يۇتۇۋالغان پۇلى 620 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 2017-يىلى 11-ئايدا ئابدۇراخمان رەھمىتۇللاغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش جازاسى بېرىلدى.

  2. قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىنىڭ كادىرى تۇرسۇنگۈل ساۋۇتنىڭ كېۋەز تولۇقلىما پۇلىنى ئارتۇق مەلۇم قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2014-يىلى تۇرسۇنگۈل ساۋۇت يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ كېۋەز تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىنىسىنىڭ نامىدا 10 مو كېۋەزلىكنى يالغاندىن مەلۇم قىلغان. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 2670 يۈەن كېۋەز ياردەم پۇلىدىن پايدىلىنىۋالغان. تۇرسۇنگۈل ساۋۇتقا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى ئارىبۇلاق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى توختىنۇر دۇۋاننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. 2011-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، توختىنۇر دۇۋان خىزمىتىدىكى قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزىنى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى قىلىۋالغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 24 قېتىمدا جەمئىي 29 مىڭ 200 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان. 2017-يىلى 11-ئايدا، توختىنۇر دۇۋانغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش جازاسى بېرىلدى.

  4. جىمىنەي ناھىيەسى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى ياڭ جۈننىڭ (پېنسىيەگە چىققان) نامرات كەنتلەرنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسى. ياڭ جۈن جىمىنەي ناھىيەسى قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، قول ئاستىدىكىلەرگە نامرات كەنتلەرنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن 87 مىڭ 100 يۈەننى چىقىرىپ، ئىدارىنىڭ ئىشخانا چىقىمىغا ئىشلىتىشكە بۇيرىغان. 2017-يىلى 10-ئايدا، ياڭ جۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  5. ئارىشاڭ ناھىيەسى تاشيۇ يېزىسى غايۇرتوخا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى گاۋ فېڭشەننىڭ يېقىنلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش مەسىلىسى. 2014-يىلى، گاۋ فېڭشەن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش شەرتىگە چۈشمەيدىغان ئوغلى گاۋ X نى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىغا كىرگۈزگەن. گاۋ X 2016-يىلى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نامراتلىقنى دەل جايىدا يۆلەش ياردەم پۇلىدىن 416 يۈەن ۋە يەرنى تىراكتوردا ئاغدۇرىۋېلىش ياردەم پۇلى 1000 يۈەنگە ئېرىشكەن، 2017-يىلى 12-ئايدا، گاۋ فېڭشەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  6. قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازىرى چاتتال كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شاۋخۇانىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. 2014-يىلى 3-ئايدىن 2016-يىلى 12-ئايغىچە، جاڭ شاۋخۇا شۇ كەنتنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا مەسئۇل بولغان مەزگىلىدە، چىڭ تەكشۈرمەي، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلماي، شەرتكە چۈشمەيدىغان كەنت ئاھالىسى ما فامىلىلىكنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان، ما فامىلىلىك 8900 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان. 2017-يىلى 12-ئايدا جاڭ شاۋخۇاغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش جازاسى بېرىلدى.يۇقارقى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە ئائىت ئالتە تىپىك دېلو مىسالىدا چىرىكلىشىپ پۇل-مالنى ئىگىلىۋېلىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش، يالغاندىن مەلۇم قىلىش قىلمىشى بار، يەنە دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىلىرى بار. مەسىلە تىپىك، خاراكتېرى ناچار بولۇپ، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، نامرات ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، چوقۇم قاتتىق جازالىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر