باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2018.02.08 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-رۇسىيە تاغ-دەريالىرى تۇتاش كەتكەن دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان قوشنا ئۆتۈپ، دوستلۇقنى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. جايلار جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. مەن بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىرلىكتە 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلى قىلىشنى قارار قىلدۇق، ئىشىنىمەنكى، بۇ مۇھىم پائالىيەت ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىق قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئىككى تەرەپلىمە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك، كارخانا ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە دوستانە ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكىگە ئىگە قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-رۇسىيە ئوخشاشلا دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈدىغان مۇھىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات پىلانى يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان بولۇپ، يەرلىك ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە جايلار زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىنى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.

  پۇتىن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپلىمە ھەمكارلىق دائىرىسى سىجىل كېڭىيىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى. يەرلىك ھەمكارلىق رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. رۇسىيە-جۇڭگو يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىدىن ئىبارەت بۇ كۆلىمى چوڭ پائالىيەت ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا دۆلەت باش تېما يىلىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلى رامكىسىدا نەچچە يۈز تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ، بۇ مەبلەغ سېلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى، سودا، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى، مۇھاكىمە يىغىنى، سەنئەت بايرىمى، ئۆمەك تەشكىللەپ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللىرى يەنە سانت پېتىربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى، شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى، رۇسىيە-جۇڭگو كۆرگەزمىسى رامكىسىدا پائال ئالاقە قىلىدۇ ۋە ئۇچرىشىدۇ. ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە-جۇڭگو يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلى ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە تەشەببۇسلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يەرلىك ھەمكارلىقنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قازىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر