باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1- ئايدا CPI، PPIنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى

2018.02.11 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-فېۋرال ئېلان قىلغان 2018-يىلى 1-ئايلىق مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى(CPI) ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) سانلىق مەلۇماتىدا مەلۇم بولۇشىچە، CPI ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.6، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان؛ PPI ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.3، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئاشقان.

  CPIنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىشى ئاساسلىقى يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا CPIنىڭ ئېشىش نىسبىتى 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  1-ئايدا PPIنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئاي ۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، ئاساسلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاساسىي ساننىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، ئۆسۈشى مۇقىملاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر