باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ئۆز ئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.02.09 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆز ئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ۋىيېتنام خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يولداش باش شۇجىغا ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ۋىيېتنام خەلقىگە چاغانلىق سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017-يىلى جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. مەن بىلەن يولداش باش شۇجى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇشنى يەنە بىر قېتىم ئىشقا ئاشۇردۇق، بىز ھاسىل قىلغان كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە-ھەمكارلىقىدىكى مول نەتىجىگە ئايلاندى. 2017-يىلى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام «بىر بەلباغ، بىر يول»نى «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم قەدەم ئالدى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتتى، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشى ئاز كەم 10 مىليون ئادەم/قېتىمگە يەتتى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر