باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان «زېمىن-2» تىپلىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قويۇپ بەردى

2018.02.08 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-فېۋرال «يالقۇن-1» تىپلىق ئەلالاشتۇرۇلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھىندىستان 7-فېۋرال شەرقىي قىسىمدىكى ئودىشا ئىشتاتىدىكى چاندىپۇر بازىسىدا «زېمىن-2» تىپلىق يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان قىسقا مۇساپىلىك تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قويۇپ بەردى.

  ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، «زېمىن-2» تىپلىق بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 350 كىلومېتىر بولۇپ، 500 كېلومېتىردىن 1000 كېلومېتىرغىچە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۆچمە سۇپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە بارلىق كۆزلىمە نىشاننى تاماملىغان. بۇ قېتىمقى سىناقنى ئوخشاشلا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىسىملىرى تاماملىغان.

  مەلۇم بولۇشىچە، «زېمىن-2» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى يولغا قويغان «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىيات پىلانى» مەزمۇنىنىڭ بىرى بولۇپ، 2003-يىلىدىن باشلاپ قىسىملارغا سەپلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر