سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زۆھرەگۈل مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) 7-فېۋرال، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسىنىڭ قىزىلكۆۋرۈك مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت ئەتىرىتى بىلەن مەھەللە كومېتىتى بىرلىكتە تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنى تەشكىللەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ۋە تەنتەربىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، چاغاننى مۇل مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى