خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋۇجېن مەنزىرە رايونىدا تارتىلغان «فۇچۇنشەن تېغىدا ماكانلىشىش» ناملىق ئۆزگىچە رەڭدار پانۇسلار.
شۇ كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشياڭ ۋۇجېن بازىرىدىكى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزگىچە «سۇ پانۇس كېچىلىكى» رەسمىي يورۇتۇلدى، «فۇچۇنشەن تېغىدا ماكانلىشىش»، «فۇرۈي خۇشاللىق كارىدورى» قاتارلىق توققۇز يۈرۈش چوڭ تىپلىق سۇ چىراغ توپى ۋۇجېن بازىرىنىڭ غەربىدە نامايان قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، چاغانلىق پانۇس كېچىلىكى ۋۇجېن بازىرىنىڭ ئەل ئىچى ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ، بۇ يىللىق سۇ پانۇس كېچىلىكى سۇ يۈزىدىكى پانۇس گۇرۇپپىسى ۋە قۇرۇقلۇق پانۇس گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى