باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى بىزگە كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئىنچىكە ھېساب قىلىپ بەردى

2018.02.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  


  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك خېتىدە پۈتكۈل دۇنياغا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «ئۈچ يىلدىن كېيىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىم ئېغىر نامراتلىق ھادىسىسىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىدىغان ھەرىكەت. شۇڭا بىز جۇڭخۇا مىللىتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە تاماملىشىمىز كېرەك.»

  زېمىن كەڭ بولسىمۇ، پۇقرالار دۆلەتنىڭ ئاساسى. بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتنى يېتەكلەپ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يىتىش، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز ئۇلۇغ ھەرىكەت، شۇنداقلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

  «يېزىلاردىكى نەچچە مىليون نامرات نوپۇسنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مېنىڭ غېمىم»«يېڭى يىلدا، ھەممىدىن بەك نامرات ئاممىنىڭ غېمىنى قىلىمەن».... باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى 50 نەچچە قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نامراتلارنى يۆلەش مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن قېلىن ئورمانلىق رايونلارغىچە، قارلىق ئېگىزلىكتىن يايلاقتىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە، غەربىي شىمالدىكى چەت چېگرالاردىن يۈننەن- گۈيجۇ ئېگىزلىكىگىچە، باش شۇجى ھەممىلا جايدا نامراتلاردىن ھال سورىدى. ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدا، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە، باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن ھال مۇڭ قىلىشتى، ئۇلارغا كىرىمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئىنچىكە ھېساب قىلىپ بەردى....

  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇخبىرىمىز باش شۇجى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن جايلار، ھال سورىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە شۇ تەسىرلىك مىنۇتلارنى قايتا ئەسلىدى، بەختىيار تۇرمۇش توغرىسىدا بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.

  سۇڭ لۇڭجياڭ

  «باش شۇجى پار ئىسسىقمۇ دەپ سورىدى»

  2013-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى شېنخي رايونى دانەن كوچا باشقارمىسى دوفۇ مەھەللىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن مەھەللە مۇلازىمىتى ياخشىمۇ، ئىسسىق ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قىشتا ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچە گىرادۇس ئۆرلىدى، ئائىلىدە يەنە قانداق قىيىنچىلىق بار دەپ سورىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  سۇڭ لۇڭجياڭ ئەر-خوتۇن خۇشال ھالدا:«تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى»،دېدى.

  سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ ئۆيىگە كىرىشىم بىلەنلا، مېھمانخانا ئۆيدىكى ئۈستەلگە تىزىلغان باش شۇجىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆردۈم.

  سۇڭ لۇڭجياڭ مۇنداق دېدى:«باش شۇجى كەلگەن كۈنى پار ئىسسىۋاتامدۇ، قاچان ئىشتىن قالدۇرۇلغان، ھازىر نەدە ئىشلەۋاتىسىز دەپ سوراپ، ئوغلۇم ۋە كېلىنىمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ 15 مىنۇتتەك ئولتۇردى.» سۇڭ لۇڭجياڭنىڭ خوتۇنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« باش شۇجى شۇنچىلىك مۇلايىم گەپ قىلىدىكەن، ئۆزىنى ئازراقمۇ چوڭ تۇتمايدىكەن، باش شۇجىنىڭ مەھەللىمىزگە كەلگەنلىكى، ئۆيىمىزگە كىرگەنلىكىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمىز.»

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر