باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-فېۋرال پيۇڭچاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.02.09 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9-فېۋرال كورېيەنىڭ پيۇڭچاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. پيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ رەئىسى لى شىفەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ بولدى، بىز بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ دۇنياغا بىر ئېسىل، تىنچ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەقدىم قىلىمىز.

  پيۇڭچاڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 9- فېۋرال كەچ پيۇڭچاڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەشكىلىي كومىتېتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغىچە، 92 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2925 تەنھەرىكەتچىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە 55 مىڭ 684 خىزمەتچى، پىدائىي بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن، كۆلەم جەھەتتە ھەر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. چاۋشيەن بىلەن كورېيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىدا «چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بايرىقى»نى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىرىپ، ئولىمپىكنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان زور تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىدىكەن.

  پيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 181 كىشى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 82 سى تەنھەرىكەتچى، ئۇلار بۇ قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 5 چوڭ تۈر، 12 تارماق تۈر، 55 كىچىك تۈرىگە قاتنىشىدۇ، ئىككى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى جۇ ياڭ پيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر