باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 111-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىنى 23-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2018.02.12 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 111-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 11-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىنى 23-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە ئېچىش قارار قىلىندى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 33-يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقىش، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلىرى ئىسىملىكى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش تەكلىپى بېرىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر