باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2018.02.13 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جۈننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ليۇ جۈن سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىپ-چىقىپ، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان گولف توپ پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسىي خىراجەتكە ئىشلەتكەن؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، تەشكىل خەت-ئالاقە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش قىلغاندا، مەسىلىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمىگەن؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، سوۋغات ۋە ھۆرمەت پۇلى قوبۇل قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلىشىگە يول قويغان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ليۇ جۈنگە تۆۋەندىكىدەك چارىلەر كۆرۈلدى: يەنى، ئۇنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە تۆۋەنلىتىش دېگەندەك چارىلەر كۆرۈلدى؛ ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا توپلىغان تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر