باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ساقچى تارمىقى بېيجىڭ شىدەن شادلىق شەھەرچىسىدىكى پىچاق كۆتۈرۈپ باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2018.02.13 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ساقچى تارمىقى 13-فېۋرال سەھەردە شىدەن شادلىق شەھەرچىسى سودا سارىيىدا پىچاق كۆتۈرۈپ باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، گۇماندار جۇ XX ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن توختاپ قالغاندىن كېيىن ئۇزاق مەزگىل ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خېنەن، جاڭسۇ، خېبېي قاتارلىق جايلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ جان باققان ھەمدە تور ئويۇنلىرىغا بېرىلىپ كەتكەن. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بۇ ئارىلىقتا جۇ XX كۆپ قېتىم غوجايىن بىلەن زىددىيەتلىشىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۈمىدسىزلىنىپ، دۇنيادىن بىزار بولۇپ، جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بولغان.

  2016-يىلى 2-ئايدا، جۇ XX لاڭفاڭ رايونىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، تولا خىزمەت ئالماشتۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئارىلاشقان ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇ XX لاڭفاڭ داچاڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم زاۋۇتتىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئىزچىل ئىشسىز ھالەتتە يۈرگەن. 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتە، جۇ XX ئۆزى يالغۇز شىدەن شادلىق شەھەرچىسىگە بېرىپ، بۇ بىنانىڭ 6-قەۋىتىدە قاتىللىق قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جۇ XX نىڭ مۇناسىۋەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى جۇ XX شىچېڭ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  داۋالاش تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق، يارىلانغانلار ئىچىدە بەش ئادەم دوختۇرخانىدىن چىقتى، باشقا يارىدارلار داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى.

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ شىدەن شادلىق شەھەرچىسى سودا سارىيىدا پىچاق كۆتۈرۈپ باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلدى، 12 ئادەم يارىلاندى، گۇماندار جۇ XX (ئەر، 35 ياشتا، خېنەن ئۆلكىسى خۇاشيەن ناھىيەسىدىن) ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا قولغا ئېلىندى.

  بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشقا ھەمكارلاشقان سودا ساراينىڭ خىزمەتچىلىرى، ئاشخانا خىزمەتچىلىرى ۋە نەق مەيداندىكى ئاممىغا رەھمەت ئېيتتى، ساقچى تەرەپ پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر