- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە، شىنجاڭ يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى
2018.02.12 13:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، چاغانلىق يولۇچى توشۇش 10-كۈنىگە قەدەم قويدى. ئالدىنقى 10 كۈندە، شىنجاڭنىڭ يول تىرانسىپورتىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك داۋاملاشتى، يولۇچى ئېقىم مىقدارى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايدى.
مۇخبىرنىڭ 11-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2018-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغان، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر، شىنجاڭنىڭ يول تىرانسپورتىدا جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 2 مىليون 449 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %8.08 تۆۋەنلىگەن. شىنجاڭدا يولۇچى توشۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار 240 مىڭ 300 ئاپتوبۇس (قېتىم)غا، ئومۇمىي ئورۇن 3 مىليون 144 مىڭ 800 دانىغا يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر