باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز «بىر راكىتا، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەتتە تىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھىدىن ئىككىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

بۇ ئىككى سۈنئىي ھەمراھ توپلاشتۇرۇپ ئۆلچەش سىنىقى قىلىدۇ ۋە سىناقنى باھالايدۇ ھەم ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھلار بىلەن تور شەكىللەندۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ

2018.02.13 16:51   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىز «بىر راكىتا، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەتتە تىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمراھىدىن ئىككىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- فېۋرال سائەت 13 تىن ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر-3» ( ئۇزۇن سەپەر-1 دىن ئۈستۈن دەرىجە)تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق«بىر راكېتا، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ»ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،28-ۋە 29-يەتتە تىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى. بۇ ئىككى سۈنئىي ھەمراھ ئوتتۇرا يۇمىلاق يەر شارى ئوربېتىسى سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يەتتە تىكەن يۇلتۇزى 3-نومۇرلۇق قۇرۇلۇشىدىكى 5- ۋە 6- تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھى. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش يەتتە تىكەن يۇلتۇزى 3-نومۇرلۇق قۇرۇلۇشىدىكى 3-قېتىملىق دۇنياۋى تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش، شۇنداقلا دېھقانلار كالىندارى بويىچە جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ توخۇ يىلىدىكى «ئاخىرقى جېڭى» ئىكەن.

  بۇ سۈنئىي ھەمراھلار ئۈچ سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا كىردى. بۇنىڭدىن كېيىن توپلاشتۇرۇپ ئۆلچەش سىنىقى قىلىدۇ ۋە سىناقنى باھالايدۇ ھەم بۇنىڭدىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن تۆت سۈنئى ھەمراھ بىلەن تور شەكىللەندۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ.

  بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن يەتتە تىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى بىلەن يانداش توشۇغۇچى راكېتا (ئۇزۇن سەپەر-1 دىن ئۈستۈن دەرىجە)نى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى ۋە جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكسى تەتقىقات يۇرتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەتقىق قىلىپ ياسىغان. بۇ ئۇزۇن سەپەر سىستېمىسىدىكى توشۇغۇچى راكېتالارنىڭ 267- قېتىم ئۇچۇشى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى