خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، تېز پويىزلار ۋۇخەندىكى تېز پويىز بۆلىكىدىكى توختىتىش لىنىيەسىدە توختاپ، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلاندى.
چاغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بايرىمى، چاغاندا بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش مەڭگۈلۈك تېما. چاغاندا جەم بولۇش ئۈچۈن، چاغانلىق يولۇچى توشۇش كىشىلەرنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش پائالىيىتى بولۇپ قالدى.
«چاغانلىق توشۇش» دېگەن سۆز 1954-يىلى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى يەنىلا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بىلەن جۇڭگو نوپۇسى زور كۆلەمدە يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئېقىمى، ئوقۇغۇچىلار ئېقىمى، تۇغقان يوقلاش ئېقىمى، ساياھەتچىلىك چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا قوشۇلۇشقا باشلىدى. 1979-يىلى، ئېلىمىزدە چاغانلىق يولۇچى توشۇش تارىخىدا 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى. «بىلەت سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش» شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 2018-يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا، مەملىكەت بويىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليارد 980 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
40 يىلدىن بۇيان، چاغانلىق يولۇچى توشۇش كۆلىمى 30 ھەسسە كېڭەيدى، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى: ئاستا ماڭىدىغان يېشىل پويىزدىن سائىتىگە 350 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىزغا ئۆزگەردى. دالادىكى پويىز كۈتۈش لاپىسىدىن ئايرودرومغا ئوخشاش ۋوگزال پويىز ساقلاش زالىغا ئۆزگەردى؛ كېچىچە ئۆچىرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋېلىش ھازىر تېلېفون ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىشقا ئۆزگەردى؛ ئىلگىرىكى سەپەردە ئاچ قېلىش ھازىر توردا تاماق زاكاز قىلىشقا ئۆزگەردى؛ بىرلا خىل قاتناش ئۇسۇلىدىن ھازىرقى دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق ئاممىۋى قاتناش ۋە ئۆزى ھەيدەش ۋە ھەمبەرھىرلىك قاتناش ئۇسۇلىغا ئۆزگەردى...
كىشىلەرنىڭ چاغان ساياھىتى بارغانسېرى ئازادە ۋە قولايلاشتى. شەھەر- يېزا پەرقى كىچىكلىدى، چاغانلىق يۈك- تاق تەدرىجىي يېنىكلىتىلدى؛ «پۇل بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش» ئەمدى ئۆزگەردى، كىشىلەرنىڭ جەم بولۇش ئۇسۇلىمۇ تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك بولدى، شىماللىقلار جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ «ئىسسىنىدىغان» بولدى، جەنۇبلۇقلار شىمالغا كېلىپ «قىش ئۆتكۈزىدىغان» بولدى، پەرزەنتلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان، ھەتتا بىر ئائىلە كىشىلىرى چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
40 يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولدى. پەقەت جەم بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بار بولسىلا، چاغانلىق يولۇچى توشۇش توختاپ قالمايدۇ؛ پەقەت ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسىلا، تەرەققىيات توختاپ قالمايدۇ. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش سەپىرىگە تېخىمۇ كۆپ، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى