باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش»نى بېكىتتى

2018.02.12 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىمچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئاسپىرانت يېتەكچىسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، تىرىشىپ غايە-ئېتىقادلىق، ئەخلاق پەزىلەتلىك، كەسىپكە پۇختا، مېھرىبان ئاسپىرانت يېتەكچىسى قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  «پىكىر»دە ئاسپىرانت يېتەكچىسىنىڭ ئاسپىرانت تەربىيەلەشتىكى تۇنجى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيەلەش، ئەمەلىيەت بىلەن تەربىيە، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلىم ئەركىنلىكى بىلەن ئېلىمنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئەخلاق بىلەن ئادەم بولۇش، ئەخلاق بىلەن بىلىم بېرىش، ئەخلاق بىلەن ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. «پىكىر»دە ئاسپىرانت يېتەكچىسىنىڭ ئاساسىي ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر كۈچەيتىلىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ۋە ئىستىلى ئالىيجاناب، كەسىپتە كامالەتكە يېتىشتىن ئىبارەت ئاسپىرانت يېتەكچىسى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ ئاساسىي ساپا تەلىپى قويۇلغان.

  «پىكىر»دە ئاسپىرانت يېتەكچىسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كونكرېت جەھەتتىن ئاسپىرانتلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، ئاسپىرانتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، ئاسپىرانتلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئاسپىرانتلارنى ئىلىم ئەخلاق ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش قاتارلىق يەتتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  «پىكىر»دە ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى باھالاش-رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. باھالاش-تەكشۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئوقۇتۇشنى باھالاش ۋە باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بېكىتىلىپ، ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئاسپىرانت يېتەكچىسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش باھالاش-تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئۇنۋان باھالاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈم تەقسىماتى، ئىلغارلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىدۇ. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئاسپىرانت يېتەكچىلىرىگە ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئەھۋالغا قاراپ سۆھبەتلىشىش، قوبۇل قىلىشقا چەك قويۇش، قوبۇل قىلىشنى توختىتىش، يېتەكچىلىك سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» يولغا قويۇلىدۇ ۋە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر