باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

بېسىم چوڭ بولغاندا بۇرۇننىڭ تېمپېراتۇراسى بىر سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ

بۇرۇن مۇزدەك بولسا، مېڭىنى زىيادە ئىشلەتكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن

2018.02.11 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇرۇننىڭ مۇزدەك بولۇشى چوقۇم ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن بولۇشى ناتايىن بولىدۇ، بۇ يەنە بەلكىم مېڭىنى زىيادە ئىشلىتىش ۋە بېسىم چوڭ بولۇشتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ، بىرئاز ئارام ئېلىش كېرەك.

  ئەنگلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىملىرى 14 نەپەر پىدائىيغا ئەقلىي ۋەزىپە ئىجرا قىلدۇردى، ھەمدە ئىسسىقلىقتىن سۈرەت ھاسىل قىلىش فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىكى يۈز قىسمى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنى كۆزەتتى. نەتىجىدە پىدائىيلار بېسىمنى زور ھېس قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بۇرۇن تېمپېراتۇرىسىنىڭ بىر سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىدى.

  تەتقىقات باشلامچىسى لىچى مۇنۇلارنى دېدى: گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئەقلىي پائالىيەتنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولسىمۇ، خىزمەت يۈكى بىلەن تېرە تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىش بارلىقىنى ئويلىمىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل باغلىنىشنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى بولسا، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا چوڭ مېڭە تېخىمۇ كۆپ قانغا موھتاج بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، بۇرنۇنغا تەمىنلىنىدىغان قان ئازىيىپ كېتىدىكەن، چۈنكى، قانلار ئېقىپ بېرىپ، تاكى يۈزنىڭ چەت قىسىملىرىغىچە بارىدىغان ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر