باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۇنلىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولدى

2018.02.12 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدە خىزمەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ھەمدە دوكلات بەردى. قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ چۇنلىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئىكەن.

  جاڭ چۇنلىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  جاڭ چۇنلىن، ئەر، خەنزۇ، 1965- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەن دېياڭدىن، 1986- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986- يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر