باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى

2018.02.12 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 11-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى موسكۋانىڭ شەھەر ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن ئان __ 148 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئالتە ئايروپىلان خادىمى ۋە 65 يولۇچى باركەن، بۇلارنىڭ ئۈچى كىچىك بالىكەن. ھازىر ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى بىر قارا قۇتا تېپىلغان، لېكىن بۇ قارا قۇتىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمىسىدىكى ئاۋاز خاتىرىلىگۈچ ياكى ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلىگۈچ ئىكەنلىكى دېيىلمىگەن.

  جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى كونسۇل بۆلۈمىنىڭ رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىدىن قارىغاندا ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق يولۇچىلار يوقكەن.

  رۇسىيە ساراتوۋ ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئان __ 148 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى موسكۋادىن رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر ئورسكقا ئۇچۇشنى پىلانلىغان، يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي موسكۋا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشتىكى ئايرودۇرۇمدىن تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ستېپانوف سىكېيې كەنتى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن.

  رۇسىيە يەر يۈزىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى موسكۋا ۋاقتى سائەت 14تىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇپ، سائەت 14تىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكى تېز تۆۋەنلىگەن ۋە سائەت 14تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يەر يۈزىدىكى رادار ئېكرانىدىن يوقاپ كەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر